diwan muqadimisi
- 1. دەۋىر ئىلكىتابلىرى-دەۋىر بىلوگى
« تۈركىي تىللر دىۋانى« نىڭ مۇقەددىمىسى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش
مۇھەممەد سالىھ
مېنىڭ »تۈركىي تىللر دىۋانى« )تۆۋەندە قىسقارتىلىپ »دىۋان« دېىىلىدۇ( بىلەن بولغان تونۇشلۇغۇم 06 -
ىىللردىن باشلىنىدۇ. 2691 - ىىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىىىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات
ئىنستىتۇتىدا ئىشلەۋاتقان چاغلىرىمىزدا بىز ئاتاقلىق تارىخشۇناس ئۇىغۇر ساىرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە »دىۋان«
نى تەرجىمە قىلىشقا تۇتۇش قىلغانىدۇق. »دىۋان«نىڭ بۇ قېتىمقى تەرجىمىسىدە ئەرەبچە نۇسخىسىنى ئاساس
قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئەرەبچىنى كۆرۈپ، ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەن مەسئۇل ئىدىم. »دىۋان«نىڭ
ئەسلى تېكىستىنىڭ »مۇقەددىمە«سىنى تۇنجى قېتىم قولغا ئېلىپ ئوقۇش بىلەنل، ئۇنىڭغا ئىختىىارسىز بېرىلىپ
كەتتىم. مۇقەددىمىدە ئىستىئارە، كىناىە، مەجاز )ئوخشىتىش( قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ىۇقىرى
ماھارەت بىلەن قوللىنىلىشى، قاپىىداش سۆزلەردىن تۈزۈلگەن نەپىس ئىبارىلەرنىڭ رەڭدار، جەزىبىكارلىقى مېنى
ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى. مۇئەللىپنىڭ ئىبارە سۈرۈشلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇ ىۇقىرى بەدىئىي ئالھىدىلىكى،
.ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزىگە خاسلىقى، بەدىئىي تەسەۋۋۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ىۈكسەكلىكى بىلەن خاراكتېرلەنگەن ئىدى
- 2. ىېتۈك ئۇىغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى »دىۋان«نىڭ »مۇقەددىمە«سىنى ئىسلم مۇئەللىپلىرىنىڭ ئەنئەنىسى
بوىىچە ھەمدۇ - سانا سۆزى بىلەن باشلپ كىتاپنىڭ ىېزىلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوىنىغان مۇھىم ئامىل سۈپىتىدە
ئەىنى دەۋرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەىدۇ: »مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇىاشنى
تۈركلەر بۇرجىدا تۇغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلرنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم« )»دىۋان«
).توم، 1 – بەت
دەرۋەقە، 11 - ئەسىردە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىىا زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان قاراخانىىلر، غەزنەۋىلەر،
سەلجۇقىلر تۈركىي خەلق تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان خاندانلىقلر ئىدى. ئۇلرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى بىر
ئۇرۇشۇپ، بىر ئەپلىشىپ، كۆپ چاغلردا تىركىشىش ھالىتىدە تۇراتتى. ئۇلرنىڭ ئارىسىدا سەلجۇقىلرنىڭ ھەرىكىتى
جانلنغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەىتىپ بېرىۋاتاتتى. سەلجۇقىلر خاندانلىقى ئەسلىدە
تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تارمىقى بولغان ئوغۇزلر تەرىپىدىن قۇرۇلغانىدى. سەلجۇق بولسا ئوغۇزلرنىڭ چىنىك
قەبىلىسىنىڭ سەردارى دوقاقنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ كېىىنكى مەزگىللەردە سەلجۇق قىسىملىرىنى باشلپ چەندگە
كۆچۈپ كېلىپ ئۆز قەبىلىسى بىلەن ئىسلم دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىنى قوبۇل قىلغانىدى. ھىجرىىە 983 - ىىلى
)مىلدىىە 899 - 999 - ىىلى( سەلجۇقىلر بۇخاراغا كېلىپ ىەرلەشتى. بۇ چاغدا ئەزەربەىجاندا سەلجۇقىلر بىلەن
كوردلر ئارىسىدا جەڭ بولدى. سەلجۇقىلر رەي بىلەن ھەمەدان تەرەپلەرگە سۈرۈلۈپ، بۇ ىەرلەرنى ئىگىلىدى.
ئۇلر ىۈرۈشنى داۋاملشتۇرۇپ، ئىراقتىكى مەۋسىل، دىىار بەكرى شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلدى. 7031 - ىىلى
مەرۋى، 8031 - ىىلى ھىرات ۋە نىشاپورلرمۇ سەلجۇقىلر تەرىپىدىن ئىگىلەندى. كېىىن سەلجۇقىلر ىەنە بەلخ،
جورجانلرنى ئىگىلىدى. خارەزمنى بوىسۇندۇردى. سەلجۇقىلر ىەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كىرمان خانلىقىنى
ىوقىتىپ، پۈتكۈل پارس زېمىنىنى بوىسۇندۇردى. خۇداساننى ئىشغال قىلغاندا، جامەلەردە ئوقۇلۇدىغان
خۇتىبىلەردە سەلجۇق سۇلتانلىرى »ئۇلۇغ سۇلتان« دەپ تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى. سەلجۇقىلر قەزۋىن بىلەن
ھەمداننى ئېلىپ بولغاندىن كېىىن، ئىسپاھانغا قاراپ ئىلگىرلىدى. ئۇزۇنغا قالماي ئەزەربەىجان، ئەرمىنىىلەرنى
ئىشغال قىلىپ، رۇم ئىپىرىىىسى زېمىنىغا ئىچكىرلەپ كىرگەن. بىر مەزگىل قىزىل دېڭىز ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىن
).تارتىپ، چىن چىگرىلىرىغىچە بارغان ئىدى. )ۋ.ۋ بارتولدنىڭ »ئىسلم مەدەنىىەت تارىخى« غا قاراڭ
كېىىنكى چاغلردا سالجۇقىلر بىلەن رۇم ئىمپىرىىىسى ئارىسىدا دۇنىا تارىخىدا مەشھۇر »مالزگىرد« ئۇرۇشى ىۈز
بەردى. رۇم ئىمپىراتورى رومان دېككىنىس 002 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلپ، )ئىستانبول كونستانتىنوپول(
دىن شەرققە قاراپ ىولغا چىقىپ، ھازىرقى ئەرمەنىستاندىكى ۋان كۆلىنىڭ شىمالىدىكى مالزگېرد قورغانىنىڭ
ىېنىدىكى دالىغا ىېتىپ كەلگەن. سالجۇق سۇلتانى ئالىپ ئارىسلن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 05 مىڭ
- 3. كىشىلىك قوشۇپ باشلپ چىققان. ئەسلىدە ئالىپ ئارىسلن مەسلىنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلماقچى بولغان.
مىرخوندنىڭ رىۋاىەت قىلىشىچە، ئالىپ ئارىسلن رومانۇسقا ىازغان خېتىدە: »گەرچە سېنىڭ قوشۇنۇڭ كۆپ
بولسىمۇ، لېكىن سەن شانلىق غەلىبىلەر قۇچۇۋاتقان سۇلتانغا دۇچ كېلىۋاتىسەن، ئالدىراڭغۇلۇق قىلغانلىقىڭغا
پۇشاىمان قىلغان بولساڭ، تاجاۋۇزچىلىقىڭنى توختىتىپ، ماڭا باج تۆلىگىن. شۇنداق قىلساڭ، پادىشاھلىقىڭ ۋە
مەملىكىتىڭنى قولۇڭغا قالدۇرىمەن، ساڭا چىقىلماىمەن. ئۇنداق قىلمىساڭ، ئۆز بېشىڭغا بال تېپىۋالغان
.بولىسەن« دەپ ىازغان
ئەمما، رومانۇس ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قاىتۇرغان: »سەن ىاۋاىى تىنچلىقنى خالىدىغان بولساڭ، ئىشغال
قىلغان زېمىنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا قالدۇرغىن. رەي شەھىرىنى ۋە ئۇنىڭدىكى سارىىىڭنى ساداقەتمەنلىك
بىلدۈرۈش ىۈزىسىدىن ماڭا تۇتقىن«. ئىككى تەرەپنىڭ كەسكىن ئېلىشىشى بىلەن ئالىپ ئارىسلن غەلىبە قىلىپ،
رومان دېككىنىس ئەسىر ئېلىنغان. جەڭ مەىدانىدا سۇلتاننىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىدىن بىرى ئىمپىراتورغا ھۇجۇم
قىلغان. ئىمپىراتور: »مېنى ئۆلتۈرمىگىن، مەن ئىمپىراتور رومان دېككىنىس بولىمەن« دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ
ئامان قالغان. ئالىپ ئارىسلن ئەسىرگە چۈشكەن »رومانوسنى تەخت ئۈستىدە ىېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ
».ھۆرمەتلىگەن. مەلىكشاھنىڭ ئوغلىغا رومانوسنىڭ قىزىنى ئېلىپ بەرگەن
بۇ ۋەقەلەر ىۈز بەرگەن چاغ دەل ھىجىرىىە 364 - ىىلى مىلدى 1701 - ىىللىرى بولۇپ، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ
»دىۋانى« نى ىېزىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى. بۇ چاغلردا ئىسلم ئىمپىرىىىسى ھېسابلنغان ئابباسى خەلىپىلىكى
ئاجىزلىشىپ، خەلىپە پەقەت مەنىۋى داھى سۈپىتىدىل مەۋجۇت ئىدى. نۇرغۇن ۋاقىتلردا خەلىپىلىكنىڭ ئەمىلى
ھوقۇقى ئۇلردا بولماستىن، باش ئەمىر دەپ ئاتىلىدىغان مەنسەپداردا ئىدى. خەلىپە ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ قولىدا
ئوىۇنچۇق ئىدى. قىلدىن قېىىق كەتسە، خەلىپىنى ئېلىپ تاشلپ، ئورنىغا باشقىنى قوىاتتى. ئەسكەرلەرنىڭ
تەلىۋى ئورۇندالمىسا، خەلىپە قىىىن - قىستاققا ئېلىنىپ جازالىناتتى. خەلىپىلىكتىن ئېلىپ تاشلنغان مۇتتەقى،
.قاھىرى، مۇستەكفى قاتارلىق 3 خەلىپىنىڭ كۆزلىرى ئوىۇپ تاشلنغانىدى
ئارىسلن ئەبۇلھارىس بەساسىرى نىشاپور تۈركلىرىدىن بولۇپ، بەسا شەھىرىدىكى بىر ئادەمنىڭ غۇلمى )بال
قۇلى( ئىدى. ئۇ، خەلىپە قائىم بىەمرىللھنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، بارا - بارا ىۈز تېپىپ خەلىپىنىڭ ئەڭ ىېقىن
ئادىمىگە ئاىلنغانىدى. خەلىپە ھەرقانداق ئىش قىلسا ئۇنىڭ مەسلىھەتى بوىىچە قىلتتى. ئۇ، ئابباسى خەلىپىسىگە
قارشى چىقىپ، مىسىردىكى پاتىمىلر سۇللىسى خەلىپىسىنىڭ تەرىپىنى ئالدى. ئۇ باغداتقا بېسىپ كىرىپ، خەلىپە
- 4. قائىم بىئەمرۇللھنىڭ سارىىىنى تالن - تاراج قىلدى. ئۇ باغداتنى ئىشغال قىلىپ بىر ىىلدىن كېىىن، توغرۇل بەك
.تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى
سەلجۇقى خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى توغرول مەككە - مۇكەررەمنىڭ ىوللىرىنى ىاساش باھانىسى بىلەن ئاۋۋال
ئىراققا، كېىىن باغداتقا قاراپ ىول ئالدى. توغرول باغداتقا ىېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنل ئابباسىلرنىڭ خەلىپىسى
قائىم بىئەمرىللھ بۇىرۇقى بوىىچە باغدات جامەلىرىنىڭ ئىمام - خەتىبلىرى مۇنبەرلەردە توغرولنىڭ نامىنى تىلغا
ئېلىپ ئۆتتى ھەم ئۇنىڭ ھەققىدە دۇئالر قىلدى. بۇ، توغرولنىڭ باغداتقا غالىپ ھۆكۈمران سۈپىتىدە كىرىشىگە
ھازىرلنغان جامائەت پىكىرى ئىدى. توغرول باغداتقا كىرگەندە، ئۇنىڭ ئالدىغا قائىم بىئەمرىللھنىڭ ۋەزىرى چىقىپ
قارشى ئالدى. توغرۇل باغداتنى ئىشغال قىلغاندىن كېىىن، بۇ ىەردە مىلى 7501 - ىىلغىچە تۇردى. بۇ جەرىاندا
ئۇ، باغداتتا ىۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان دەىلەمىلەر زامانىدا تۈزۈلگەن قانۇننى بىكار قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ىېڭى قانۇن
ئورناتتى. شۇنداقتىمۇ توغرۇل ىەنىل مادارا ىولىنى تۇتۇپ، ئىككى خانداننىڭ دوست ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلدى.
توغرۇل ئۆزىنىڭ قېرىندىشى داۋۇدنىڭ قىزى ئارىسلن خاتون خەدىچىنى قائىم بىئەمرىللھقا نىكاھلپ بەردى،
نۆۋىتىدە توغرۇل ئۆزىمۇ خەلىپىنىڭ قىزىنى ئېلىشقا ئەلچى كىرگۈزدى. قائىم بىئەمرىللھغا بۇ ئېغىر كەلگەن
بولسىمۇ، رەت قىلىشقا پېتىنالمىدى. ھىجرىىە 354 - ىىلى )مىلدى 1601 - ىىلى( تەبرىزنىڭ سىرتىدا خەلىفەنىڭ
قىزىنى توغرۇل ئەقرى - نىكاھىغا ئالدى. توىلۇق ئۈچۈن ىۈز مىڭ تىلل ۋە نۇرغۇن سوۋغا - سالم ىوللىدى. توي
بولۇپ 6 ئاىدىن كېىىن ھىجرىىە 694 - ىىلى )مىلدى 3011 - ىىلى(دا خەلىفە قىزى ۋاپات بولدى. توغرۇل بىلەن
خەلىفە ئارىسىدا قۇدا - باجىلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاچقا، خەلىفە توغرۇلغا »مەلىكۇلمەشرىقى ۋەلمەغرىبى«
ىەنى »شەرق ۋە غەربنىڭ پادىشاھى« دېگەن ئۇنۋاننى بەردى. شۇنىڭ بىلەن توغرۇل سەلجۇقىلردىن تۇنجى
بولۇپ ئابباس خەلىپىلىكىنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىگەن ھۆكۈمران بولۇپ قالدى. باغداتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئامانلىقىنى
ساقلش ئۈچۈن، باغداتتا سەلجۇقى قوشۇنى تۇرغۇزۇلدى. شۇ ىىلى رامىزان ئېىىدا خەلىفە قائىم بىئەمرىللھنىڭ
ۋەلىئەھدىلىكىگە تەىىنلەنگەن ئوغلى، مەھمۇد قەشقەرى »دىۋان«نى ئارمىغان قىلغان خەلىفە، مۇقتەدى
بىئەمرىللھنىڭ دادىسى - زەخرۇددىن ئەبۇلئابباس مۇھەممەد 14 ىېشىدا ۋاپات بولدى، قائىم بىئەمرىللھ
بۇنىڭدىن قاتتىق قاىغۇردى، ئوغلى ئەبۇلئابباس مۇھەممەدنىڭ كېنىزىكىنىڭ مۇقتەدى بىللھقا ھامىلدار
ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، كۆڭلى تەسكىن تاپتى، توغرۇلنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان مەلىكشاھمۇ ئابباس خەلىپىلىكىنى
تېزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇپ قوىمىدى. ئۇ، خەلىپىنى زىىارەت قىلىش نامى بىلەن باغداتقا ئۈچ قېتىم كەلدى.
3901 - ىىلى 3 - قېتىم كەلگەندە باغداتتا ۋاپات بولدى. قائىم بىئەمرىللھنىڭ نەۋرىسى بولغان مۇقتەدى
بىئەمرىللھ ئۆزىنىڭ ئەرەبىستان )سەئۇدى ئەرەبىستانى( زېمىنىدىكى نوپۇزىنى پەقەت مەلىكىشاھنىڭ كۈچى
ئارقىلىق تىكلىگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەككە، مەدىنىلەردە پاتىمىلر خەلىفەلىرى نامىغا ئوقۇلىدىغان خۇتبە
مۇقتەدى بىللھنىڭ نامىدا ئوقۇلىدىغان بولدى. مۇقتەدى بىئەمرىللھ پۈتۈنلەي سەلجۇقىلرنىڭ تەسىر دائىرىسى
ئاستىدا ئىدى. بوۋىسى قائىم بىئەمرىللھ سۇلتان توغرۇلغا قىزىنى بېرىشكە تەستىرەك ماقۇل بولغان بولسىمۇ،
- 5. مۇقتەدى بىلل ئۆز قىزىنى سۇلتان مەلىكشاھىنىڭ ئالغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگەنىدى. خەلىفەنىڭ ئېتراپ قىلىشى
بىلەن سەلجۇقى سۇلتانلىرىنىڭ نامىغا جۈمە كۈنلىرى مەسچىتلەردە خۇتبەلەر ئوقۇلتتى. مەلىكىشاھ ئالەمدىن
ئۆتكەندىن كېىىن ئوغلى مۇھەممەد ئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان. باغدات خەلىفىسى مۇنتەزھىرى سۇلتانلىق ئورنىنى
مۇھەممەدگە ئاتا قىلىش ىۈزىسىدىن ئۆز سارىىىدا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزگەن. بۇ ھەقتە تارىخچى ئىبىن خوللىكان
مۇنداق ھېكاىە قىلىدۇ: »مەلىكىشاھنىڭ ئوغلى سۇلتان مۇھەممەدنىڭ تەلىۋى بوىىچە خەلىفە مۇنتەزھىرنىڭ
سارىىىدا سورۇن تۈزۈلدى، خەلىفە تەختىدە ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا دۆلەت ئەربابلىرى، ىۇقىرى دەرىجىلىك
ئەمەلدارلر بار ئىدى. خەلىفەنىڭ ئۇچىسىدا پەىغەمبەر ئەلەىھىسسالمنىڭ رىداسى )ىەكتەك(، بېشىدا سەللە،
قولىدا ھاسا تۇراتتى. خەلىفە ئادەت بوىىچە سۇلتان مۇھەممەدگە ىەتتە قات خىلئەت )تون( كىىدۈردى، بېشىغا
تاج كىىدۈردى، بوىنىغا بوىۇنچاق ئاستى، قولىغا گۆھەر بىلەىزۈك تاقىدى. خەلىفە سۇلتانغا ئۆز قولى بىلەن تۇغ
باغلىدى، ئۇنىڭغا ئىككى قىلىچنى تاقاپ قوىدى. شۇنداقل ئۇنىڭغا پۈتۈن جابدۇقلىرى بىلەن بەش ئارغىماق
سوۋغا قىلدى. سۇلتان مۇھەممەدنىڭ قېرىندىشى سەنجەرگىمۇ ىۇقىرىقىدەك خىلئەت كىىدۈردى. سوۋغىلرنى
تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېىىن، خەلىپە باغداتنىڭ پۈتۈن جامەلىرىدە سۇلتان مۇھەممەدنىڭ نامىغا خۇتبە
».ئوقۇلىدىغان بولدى
خەلىفەلەر سۇلتان ئۇنۋانى بېرىلگەنلەرگە »ناسرۇددەۋلە« )دۆلەت مەدەتكارى(، »سەىفۇددەۋلە« )دۆلەتنىڭ
قىلىچى(، »ئەزەدۇددەۋلە« )دۆلەتنىڭ ىاردەمچىسى( قاتارلىق لەقەپلەرنى بېرەتتى. غەزنىۋى، سەلجۇقى
سۇلتانلىرىغا ھەم مۇشۇنداق لەقەپلەر بېرىلگەن. ھىجرىىە 354 - ىىلى )مىلدى 1601 - ىىلى( غەربىي
قاراخانىىلردىن ئەبۇئىسھاق ئىبراھىم ئىبىن ناسىرغا ئابباسلرنىڭ خەلىفىسى قائىم بىئەمرىللھ تەرىپىدىن لەقەپ
بېرىلگەن ۋە تون ئەۋەتىلگەنىدى. تاۋغاچ بوغرا قاراخان ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبىن ناسىر نامىغا لەقەپ
.ئۇنۋانلىرى ئەىنى زاماننىڭ قائىدىسى بوىىچە خەلىفەنىڭ نامىمۇ ىېزىلىپ، تەڭگە پۇللر قۇىدۇرۇلغانىدى
ئابباسلر خەلىپىلىكىدە تۈركىي خەقلەردىن بولغان ھەربىي ۋە مەمۇرى ئەمەلدارلرنىڭ تەسىر كۈچى زور ئىدى.
مىلدى 368 - ىىلى تەختكە ئولتۇرغان مۇستەئىن بىللھنى ھاجىپلىق مەنسىپىدىكى چوڭ بۇغا، كىچىك بۇغا
قاتارلىق تۈركىي ئەربابلر ىۆلەپ چىقارغانىدى. سۇىۇتنىڭ »تارىخۇلخۇلەفا« )خەلىفىلەر تارىخى( كىتابىدا
كۆرسىتىلىشىچە: »بۇ ئىككى ھاجىپنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى ۋەسىف، ىەنە بىرىنىڭ ئىسمى بۇغا ئىدى«. خەلىفە ئۇلردىن
بىسوراق ھېچ ئىش قىللماىتتى. تۈرك ئەمەلدارلىرىنىڭ مەنسىپى باللىرىغا قالتتى، چوڭ بۇغا ئۆگەندىن كېىىن،
ئۇنىڭ ھاجىپلىق ئورنىغا ئوغلى مۇسا ۋارىسلىق قىلدى. دېمەك، بۇ چاغلردا ئابباسى خەلىپىلىكىنىڭ باغدات،
سامەررادىن ئىبارەت ئىككى مەركىزىدە خەلىپىلىكنىڭ ھاجىپلىق، باش ھەربى سەركەردىلىك قاتارلىق چوڭ
مەنسەپلىرىنى تۈركىي خەلقلەر ئىگىلىگەنىدى. خەلىپىلىك ۋىلىەتلىرىنىڭ ۋالىلىقىمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ قولىدا بولۇپ،
ئۇ جاىلرنىمۇ تۈركىي خەلقلەر ئىدارە قىلتتى. ئالىلى، نىشاپور تۈركلىرىدىن بولغان ئەبۇ سالىھ ىەھىا مىلدى 777
- 6. - ىىلى مىسىر ۋالىلىقىغا تەىىن قىلىندى. خەلىفە مۇئىتەسمىنىڭ ھەربىي باش سەركەردىلىك مەنسىپىدە تۇرغان
سابىت تۈركىي 438 - ىىلى، پەتھى ئىبنى خاقان مىلدى 358 - ىىلى، ئىناج 448 - ىىلى مىسىرنىڭ ۋالىلىقىغا
تەىىنلەنگەن تۈركىي ئەمەلدارلر ئىدى. تۈرك سەردارلىرىدىن بولغان ئەھمەد ئىبنى تولۇن مىسىر ۋالىسى بولغان
تۈرك قېىنىئاتىسى ماجورنىڭ ىاردىمى بىلەن مىسىرنىڭ ۋالىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپل قالماي، ىەنە سۈرىىە، ھەلەپ
)سۈرىىەدىكى بىر شەھەر( قاتارلىق جاىلرنى مىسىر دائىرىسىگە قوشۇۋېلىپ، ھۆكۈمرانلىق زېمىن دائىرسىنى
تېخىمۇ كېڭەىتتى، شۇ ئارقىلىق تولۇنىىە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سېلىپ، 02 ىىلچە ھۆكۈم سۈردى.
مىسىردا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان »ئىبنى تولۇن جامەسى« ئەنە شۇ ئەھمەد ئىبنى تولۇندىن قالغان
ىادىكارلىقتۇر. ئۇنىڭدىن كېىىن مىسىردا سەلتەنەت قۇرغان ئەخشەدىلەر، ئاتابەگلەر، ئەىىۇبىلەرمۇ تۈركىي
خەلقلەردىن ئىدى. ئابباسلرنىڭ ھەرەم ساراىلىرىغا كىرگەن تۈرك كېنىزەكلىرىمۇ نوپۇز قازىنىشقا باشلىدى.
خەلىفە مەئموننىڭ ئانىسى ھاراجىلە، خەلىفەموكتەفى بىللھنىڭ ئانىسى چىچەن، خەلىفە مۇستەكفى بىللھنىڭ
ئانىسى ئالتۇن، خەلىفە ناسىرلىدىنللھنىڭ ئانىسى، ۋە خەلىفە مۇستەنىسربىللھنىڭ ئانىسى ئەنە شۇ تۈركىي
خەلقلەرگە مەنسۇپ كېنىزەكلەردىن ئىدى. ئابباسلرنىڭ تۈركىي خەلقلەرىدىن قوشۇن تەشكىل قىلىشىمۇ
ئومۇمىي ىۈزلىنىش بولۇپ قالغانىدى. مىلدى 468 - 568 - ىىللىرى خەلىفە مۇئتەز، مۇستەئىنغا قارشى تۇرۇش
.ئۈچۈن تۈركلەردىن 05 مىڭ كىشىلىك قوشۇن سەپەرۋەر قىلغان
ئەرەپلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە تۈركلەرنى ماختاپ مەدھىىىلەىدىغان خاھىشلر كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.
تۈركلەرنىڭ باتۇرلۇقىنى تۇنجى بولۇپ مەدھىىلىگەن، باغداتتا ىېتىشكەن ئاتاقلىق ئەرەپ شائىرى ئابباس ئىبنى
:رۇمى مۇنداق ىازىدۇ
تۈرك ئەسكەرلىرى جەڭ مەىدانىدا تۆمۈر سېپىلدەك ساباتلىق تۇرىدۇ. كىشىنىڭ كۆزىگە دېڭىز«
دولقۇنلۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. جەڭ باشلنغاندا دۈشمەنگە قارشى خۇددى ىېنىپ تۇرغان ئوت بولۇپ تېگىدۇ.«
قىپچاقلر ھەققىدە ىېزىلغان شېئىردا مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: »باتۇر تۈرك ىىگتىلىرىنىڭ دۈشمەنلەرنى
كېلىشتۈرۈپ سېلىشى ئالدىدا چاقماقمۇ ىىپ ئېشەلمەىدۇ. ئۇلر شۇنداق بىر قەۋمدۇرىكى، دوستلرغا
مەرھەمەت قىلىشتا پەرىشتىلەرگە ئوخشاىدۇ، جەڭ مەىدانىدا دۈشمەنگە خۇددى دىۋىدەك تېگىدۇ«
).)»تەلپىقۇلئەخبا«، 1 - جىلد 36 -، 38 – بەتلەر
- 7. كېىىنكى دەۋر، تۈركىي خەلقلەر كۆپلەپ جەنۇبقا كۆچكەن دەۋر بولدى. بولۇپمۇ ئوغۇز تۈركمەنلىرى خۇراسان،
شەرقى ئىران، ئىراق، شام ۋە كىچىك ئاسىىاغا تۈركۈم - تۈركۈملەپ كۆچتى. بۇ كۆچمەنلەر بارا - بارا شۇ جاىلر
ئاھالىسىنىڭ ئېتنىك تەركىۋىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئەمەۋىلەر زامانىدا، ئوتتۇرا ئاسىىانىڭ نۇرغۇن جاىلىرى
ئەرەب قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. ئۇ ىەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى ئەرەبلەرگە خىراج )باج( تۆلەىتتى، گاھى
باج ئورنىدا ئۇلرغا بالىلىرىنىمۇ ئەۋەتىپ بېرەتتى، ئۇلر قۇلغا ئوخشاش سېتىلغانلىقتىن، ئۇلرغا مەملۇك، ىاكى
مەمالىك )چاكارلر( دېىەلەىتتى. بۇنداق مەملۇكلر خەلىفە ساراىلىرىدا ئەمىرلەرگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلەتتى.
خەلىفە قوشۇنىغا قاتناشتۇرۇلتتى. تۈركلەرنىڭ ئەرەپ قوشۇنىغا قاتنىشىشى ئابباسىلر سۇللىسىدىن خەلىفە
.مەنسۇر )457 - 577 - ىىللىرى( زامانىدا باشلنغانىدى
خەلىفە مۇئتەسىم زامانىدا )838 - 248 - ىىللىرى( تۈركلەرنىڭ نوپۇزى ناھاىىتى زوراىدى. مۇئتەسىم تۈركلەردىن
مۇسۇلمان ۋە غەىرى مۇسۇلمان دەپ ئاىرىماستىن ئۇلرنىڭ ھەممىسىنى ئەسكەرلىككە ئېلىۋىرەتتى. غەىرى
مۇسۇلمان تۈركلەردىن قوشۇنغا قاتناشقانلر ئاستا - ئاستا ئىسلم دىنىنى قوبۇل قىلتتى. شۇنىڭ بىلەن
ئىرانلىقلرنىڭ قولىدىكى نوپۇز بارا - بارا تۈركلەرگە ئۆتتى. خەلىفەلىكتىكى ئىشلرنىڭ ھەممىسى تۈركلەرنىڭ راىى
بوىىچە بولىدىغان بولدى. مۇتەۋەككىل )748 - 168 - ىىللىرى( زامانىدا ئۇلرنىڭ كۈچى تېخىمۇ زوراىدى، مۇئتەز
خەلىفە تەختكە چىققان چاغدا، ئۇنىڭ ىېقىنلىرىدىن بىرى مۇنەججىمدىن: »مۇئىتەزنىڭ خەلىفىلىكى قانچىلىك
داۋاملىشار؟« دەپ سورىغاندا مۇنەججىم: »تۈركلەر ئۇنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىشىنى خالىسا، ئۇ شۇ چاققىچە
داۋاملىشىدۇ« دەپ جاۋاب بەرگەن. مۇئىتەسىمنىڭ زامانىدا ئىسلم ئەللىرىدە تۈركلەرنىڭ نوپۇزى ئالھىدە
كۈچەىگەنىدى، خەلىفە مۇئتەسىمنىڭ ئانىسى تۈركىي خەلقلەردىن ئىدى. ئۇئىتەسىم ئاكىسى ئەمىننى ئىرانلىقلر
ئۆلتۈرۈۋەتتى، دەپ ئۇلرغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ، تۈركلەرنى ئۆزىنىڭ ىېقىن ىاردەمچىسى قىلىۋالغانىدى.
تۈرلۈك ىول بىلەن باغداتقا كېلىپ قالغان، خەلىفە مۇئىتەسىمگە تەۋە تۈركىي غولملرنىڭ ئۆزىل 81 مىڭدىن
.ئاشاتتى. خەلىفە مۇئىتەسىمنىڭ قوشۇنىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۈركىي ئەسكەرلەر تەشكىل قىلتتى
خەلىفە مۇئىتەسىم زامانىدا غەىرى ئەرەبلەرنىڭ نوپۇزى ىۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان. مۇئىتەسىم ئۆزىنىڭ
خەۋىپسىزلىكىنى كۈچەىتىش ئۈچۈن مىسىرلىقلردىن مەخسۇس قوشۇن تەشكىللەپ، ئۇلرغا »مەغارىبە« دەپ
.نام بەرگەن. تۈركىي خەلقلەردىن بىر قوشۇن تەشكىللەپ ئۇلرغا »پەراغىنە« ىاكى »ئەتراك« دەپ نام بەرگەن
- 8. مەھمۇد قەشقەرى »دىۋان« مۇقەددىمىسىدە »دىۋان«نى خەلىپە مۇقتەدى بىئەمرىللھقا ئارمىغان قىلغانلىقىنى
تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ئەبۇلقاسىم ئۇدرە تۇددىن ئابدۇلل بولۇپ، ئاتىسى زەخىرۇددىن ئەبۇلقاسىم
مۇھەممەد ۋاپات قىلغاندا تېخى ئانىسىنىڭ قوسىقىدا ئىدى. ئۇنى چوڭ دادىسى خەلىپە قائىم بىئەمرىللھ
قېتىرقىنىپ تەربىىلەپ، ئەخلقىي ۋە ئىلىمىي جەھەتتىن ىاراملىق قىلىپ ىېتىشتۈرىدۇ. مۇقتەدى 02 ىېشىدا
ھىجرىىە 674 - ىىلى )مىلدى 5701 - ىىلى( شەئبان ئېىىنىڭ )ھىجرىىە 7 - ئاي( 31 - كۈنى جۈمە كۈنىدە
ۋەزىرلەر، ئەمىرلەر ۋە ىۇرت چوڭلىرى قاتناشقان كاتتا مۇراسىمدا خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇرىدۇ. چوڭ
ئەربابلردىن ئەڭ ئاۋۋال خوجىزادە شەرىف ئەبۇ جەئفەر خەلىپىگە قول بېرىپ بەىئەت قىلىدۇ. بەىئەت قىلىش
جەرىانىدا ئەبۇجەئفەر: »ئارىمىزدىن بىرەر باشلىق تۈگىسە، ئورنىغا ىەنە بىر باشلىق چىقىدۇ.« - دەپ شېئىر
.باشلىدۇ
بۇ چاغدا خەلىپە: »بۇ باشلىق ئەمەلىىەتچىل بولسا، كىشىلەر ىاقتۇرىدۇ« دەپ شېئىرنىڭ ئاىىغىنى چۈشۈرىدۇ.
ئارقىدىنل خەلىپىگە ئەبۇ ئىسھاق شىرازى )نىزامىىە مەدرىسىنىڭ باش مۇدەررىسى(، ئەبۇ نەسىر ئىبنى سەبباغ،
.ئەبۇ مۇھەممەد تەممى قاتارلىق ئالىملر بەىئەت قىلىدۇ
مۇقەددىمە«دە مەھمۇد قەشقەرى خەلىپە مۇقتەدىنى ىاخشى سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەپ ئۇنىڭ ھەققىدە دۇئا«
قىلىدۇ. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مۇنداق قىلىشىمۇ ئاساسسىز ئەمەس ئىدى. خەلىپە مۇقتەدى دۆلىتىنىڭ ئاۋاتلىقى
ئۈچۈن كۆپ ئىشلرنى قىلغان. جەمئىىەت ئامانلىقىنى كۈچەىىتكەن، قىمارخانا، پاھىشخانىلرنى ىوقاتقان.
كەپتەرۋازلىق، بىكار تەلەپلەرگە چەك قوىغان. مۇنچا - سەرراپلردىن چىققان پاسكىنا سۇلرنى دەجلە دەرىاسىغا
ئېقىتىۋېتىشنى توسقان. ئاىرىم قۇدۇقلرنى كولىتىپ پاسكىنا سۇلرنى چىقىرىشنى ىولغا قوىغان، ئىلىم ئىشلىرىنىڭ
راۋاجىغا ئىمكان بېرىپ، ئالىملرنى ھۆرمەتلىگەن، ئۇلرنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرگەن. مەھمۇد قەشقەرى
مۇقەددىمىدە: »تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلر، چۈنكى ئۇلرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىىدۇ« )»دىۋان«، توم، 2 -
بەت( دېگەن ھەدىسنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇنى ئىشەنچىلىك بۇخارالىق بىر ئالىم بىلەن نىشاپورلۇق بىر ئالىمدىن
ئاڭلىغانلىقىنى ىەنى تەلىم ئالغانلىقىنى ئېىتىدۇ. بۇ ىەردە »ئاڭلىدىم« دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز ئەسلى
تېكىستىدە »سەمئىتۇ« بولۇپ، ھەدىسشۇناسلرنىڭ ئىستىلھى )تەبىرى( بوىىچە ئېىتقاندا، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى
»ھەدىس ئۆگەندىم« دېگەن بولىدۇ. دېمەك، بۇ سۆز ھەدىس ئۆگەنگۈچى شاگىرت بىلەن ئۆگەتكۈچى
ئۇستازنىڭ ئارىسىدا قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، مەھمۇد قەشقەرى ھەدىس ئىلمى
بىلەنمۇ شۇغۇللنغان، بۇخارا، نىشاپورلرغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئەىنى زامانلردا بۇخارا ئىسلم
مەدەنىىىتىنىڭ ۋە ئىسلم ئىلىملىرىنىڭ مەركىزى بولغان، بۇخارا ئۆزىنىڭ مەدرىسلىرى، ىېتىشتۈرۈپ چىققان
- 9. ئالىملىرى بىلەن جاھانغا داڭق چىقارغان. تالىبۇلئىلىملەرنىڭ ۋە ئۆلىمالرنىڭ قىبلىگاھى بولغان. ئوتتۇرا ئاسىىا
بوىىچە داڭدار ئالىملرنىڭ نۇرغۇنى بۇخارا مەدرىسلىرىنىڭ ئۈزۈپ چىققان پىشقەدەم تالىبۇلئىلىملىرى ئىدى.
ھەدىسشۇناسلىق بۇرۇندىن تارتىپ بۇخارادا ئالھىدە راۋاجلنغانىدى. ھەدىسشۇناسلرنىڭ پىرى، ئەڭ مۆتىۋەر
.كىتاب »سەھىھىلبۇخارى«نىڭ مۇئەللىپى ئىمام بۇخارى ئەنە شۇ بۇخارادا ىېتىشكەنىدى
نىشاپورمۇ بۇخاراغا ئوخشاش ئىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى ئىدى. ئەىنى چاغلردا ئابباسىىە دۆلىتىدە ئىككى ئىلىم
مەركىزى بولۇپ، بىرى باغدات، ىەنە بىرى نىشاپور ئىدى. ئىسلمىىەت تارىخىدا تۇنجى بولۇپ مەىدانغا كەلگەن
نىزامىىە مەدرىسىنىڭ بىرى باغداتدا، ىەنە بىرى نىشاپوردا تەسىس قىلىنغانىدى. ئىلىم سورۇنلىرى، بىلىم ئېلىش
جاىلىرى مەسچىتلەردىن مەدرىسلەرگە كۆچكەن دەۋرلەردە نىشاپور شەرقىنىڭ كۆزنىكى، فازىللرنىڭ كانى،
.ئۆلىمالرنىڭ ماكانىغا ئاىلنغان ئىدى
مەھمۇد قەشقەرى ئۇىغۇرتىلى بىلەن ئەرەب تىلىغا توشقان تىلشۇناس بولۇشى بىلەن تەفسىر، ھەدىس، فىقھى
)قانۇنشۇناسلىق( قاتارلىق ئىسلم شۇناسلىق بىلىملىرىنىمۇ پۇختا ئىگىلىگەنىدى. مەزكۇر ھەدىسنى بۇخارالىق ۋە
نىشاپورلۇق ھەدىس ئالىملىرىدىن ئۈگەنگەنلىكىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ بۇخارا ۋە نىشاپور قاتارلىق ئىلىم
مەركەزلىرىگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئىمام بۇخارادىن قالسىل 2 - ئورۇندا تۇرىدىغان، مەشھۇر ھەدىس
كىتابى »سەھھى مۇسلىم«نىڭ مۇئەللىپى مۇسىلىم ئىبىن ھوججاج نىشاپورلۇق ئالىم ئىدى. ئىمام بۇخارى
نىشاپورغا كەلگەندە، مۇسىلىم ئۇنىڭدىن ھەدىس ئىلىمى ئۆگەنگەن ۋە ئىمام بۇخارىدىن ئۆرنەك ئالغانىدى.
نىشاپور - ئەبۇلئاببەسۇلئەسەم، ئەبۇ مەنسۇر، ئابدۇلمەلىك، ئەبۇ ئابدۇللھا كىم قاتارلىق ھادىس ئالىملىرى
ئۆتكەن ىۇرت ئىدى. ىۇقىرىقى ھەدىستىكى ئىككى ئالىم ئەسلى تېكىستتە »ئىمام« دېگەن سۆز بىلەن
ئىپادىلەنگەن، بۇ ىەردىكى »ئىمام«نىڭ مەنىسى »ھەدىسشۇناس، ھەدىس ئالىمى، ھەدىس پېشۋاسى«
دېگەن بولىدۇ: لېكىن مۇئەللىپ بۇ ىەردە ئۇلرنى »ئىمام« دەپ ئاتاش بىلەنل كۇپاىىلىنىپ، ئۇلرنىڭ ئىسمىنى
ئېنىق تىلغا ئالمىغان. بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشىنىشكە بولىدۇ، مەھمۇد قەشقەرى ىۇقىرىقى ھەدىسنى
ئىشەنچىلىك كىشلەردىن ئاڭلىغانلىقىنى ئېىتقاندا رىۋاىەت قىلغۇچىلرنىڭ »ئۆزى جاۋابكار«، »توغرا بولمىغان
تەقدىردىمۇ« دېگەن ئىزاھنى بېرىپ مەزكۇر ھەدىسكە تازا ئىشەنچ قىللماىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. روشەنكى،
مۇئەللىپ ئۆزىگە ئۇستاز ىوللۇق ھەدىس پېشۋالىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ ئۇلرنى ىالغانغا چىقىرىشنى ئەپ
.كۆرمىگەن، ئۇلرنى ئاىىغان
ئىككىنچى ھەدىسكە كېلىدىغان بولساق، مەھمۇد قەشقەرى بۇ ھەدىسنى توغرا، دەپ قارىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن
ئۇنى ھۈسەىىن خەلەپتىن تەلىم ئالدىم، دەپ ئۇستازنىڭ ئىسمىنى ئاشكارا تىلغا ئالغان. »ھەدىس قۇرسى«
- 10. رىۋاىەت قىلغۇچى ھۈسەىىننى مەھمۇد قەشقەرى شەىخ، ئىمام، زاھىد قاتارلىق ئۈچ سۆز بىلەن سۈپەتلەىدۇ. بۇ
ىەردىكى »شەىخ«نىڭ مەنىسى ھەدىس ئالىملىرىنىڭ ئىستلھى بوىىچە ئېىتقاندا، ھەدىس ئىلىمىدا تونۇلغان
ئۇستاز، دېگەن بولىدۇ، »ئىمام« نىڭ مەنىسى ئىلىم - پەننىڭ بىرەر تۈرىدە ئۈزۈپ چىقىپ، شۇ پەننىڭ
مۇتەخەسىسى، پېشۋاسى بولغان ئادەمگە قارىتا ئېىتىلىدۇ. بۇ ىەردە ھەدىس ئىلىمىنىڭ ھەممە ئېتراپ قىلغان
مۇتەخەسىسى دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. »زاھىد« تەقۋادار مەنىسىدە، بۇنىڭدىن تەقۋادار ئادەم ھەدىس
رىۋاىەت قىلىشتا ىالغاننى ئارىلشتۇرماىدۇ، دېگەن مەنا چىقىدۇ. »دىۋان« دا »ھۈىسىىن بىن الكاشغرى« ىەنى
قەشقەرلىق خەلىفە ئوغلى ھۈسەىىن، دەپ تىلغا ئېلىنغان. تارىخى مەنبەلەردە بولسا، ھۈسەىىن ئىبىن ئەلى
ئىبنى خەلەف دەپ تىلغا ئېلىنغان. ھەدىسشۇناس ئالىملرنىڭ تەرجىمھالى ىېزىلغان ۋە ئىشەنچىلىك، دەپ
قارالغان »مىزانۇلئئىتدال« )ھەدىسشۇناسلرنىڭ تەرجىمھالى(دا ئۇ ئەڭ زېرەك ھۈسەىىن ئىبىن ئەلى كاشغەرى
دەپ ئېلىنغان. شۇنىڭدەك ئەبۇلفەزلى ھۈسەىىن ئىبىن ئەلى بولسا، ئىبىن غىلن دىن ھەدىس رىۋاىەت قىلىدۇ.
ئىبىن غىلن ھەدىس رىۋاىەت قىلىشتا ئىشەنچىلىك ئەمەس، دەپ باھا بېرىدۇ. »مىزانۇلئئىتدال« كىتابىدا
»ئەلمەئى« )زېرەك( دېگەن سۆز ھۈسەىىننىڭ سۈپىتى قىلىپ ئېلىنغان. »مۇلھەقاتۇسسۇراھ« )سۈرراھە
لۇغىتىنىڭ قوشۇمچىسى( دا ھۈسەىىننىڭ ئوغلى ئابدۇغەففارنىڭ سۈپىتى قىلىپ ئېلىنغان.
»مۇلھەقاتۇسىسۇرراھ« نىڭ مۇئەللىپى »مىزانولئئىتدال« نىڭ مۇئەللىپدىن ىېرىم ئەسىرچە بۇرۇن ئۆتكەنلىكى ۋە
ھۈسەىىن ئىبىن ئەلى خەلەفنىڭ ىۇرتدىشى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ىەردە ئۇنىڭ سۆزى باشقىلرنىڭكىدىن
ئىشەنچىلىكرەك دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ. جامال قارشى »سۇراھ« لۇغىتىنىڭ مۇلھەقاتىدا )قوشۇمچىسى(
ھۈسەىىن ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف كاشغەرى، دېىىلگەن. دېمەك، »دىۋان«دا ھۈسەىىننىڭ دادىسى بولغان
ئەلى سۆزى چۈشۈپ قىلىپ، ھۈسەىىننىڭ بوۋىسى ئۇنىڭ دادىسى قىلىپ قوىۇلغان. ھۈسەىىن ئۆز دەۋرىدە
تونۇلغان زور ئالىم بولۇپ، باغدات ۋە قەشقەرلەرنىڭ مەدرىسلىرىدە نۇرغۇن تالىبۇلئىلملەرگە دەرس ئۆگەتكەن.
تەفسىر ۋە ھەدىسكە ئائىت كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ىازغان. مىلدى 3901 - ىىلى )ھىجرىىە 684 - ىىلى(
قەشقەردە ۋاپات بولغان، ھۈسەىىن ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەفىنىڭ زېرەك ئابدۇلغەففار دەپ ئاتىلىدىغان بىر
ئوغلى بولۇپ، ئۇمۇ دادىسىغا ئوخشاشل توشقان ئالىم بولغان، تەفسىر ۋە ھەدىسكە ئائىت ئەسەرلەرنى تەسنىپ
.قىلغان
ئېىتىشلرغا قارىغاندا، ئۇ قەشقەردە دادىسىنىڭ ھوزۇرىدا دەرس ئوقۇۋاتقاندا، ئۇنى شۇ زاماننىڭ سەلتەنەت
تەختىدە ئولتۇرغان خان چاقىرىپ، ئۇلغ ئەۋەتىدۇ. ئابدۇغەففار ىولدا كېتىۋېتىپ ئۇلغدىن ىىقىلىپ چۈشۈپ، شۇ
جاىدىل جان ئۈزىدۇ. ئۇ نىڭ جەسىدى قەشقەرنىڭ سىرتىدىكى ىەتتە قىبلە دېگەن جاىغا دەپنە قىلىنىدۇ.
ئابدۇغەففارنىڭ ئاتىسى ھۈسەىىن ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەپمۇ »ىەتتە قىبلە« دېگەن جاىغا دەپنە قىلىنغان
بولۇشى مۇمكىن. ئەنە شۇ ئابدۇغەففار »تارىخ كاشغىر« )»قەشقەر تارىخى«( كىتابىنى ىازغانىدى. ئەپسۇسكى،
- 11. بۇ كىتاب ھازىرغا قەدەر باىقالغىنى ىوق. ئابۇغەففارنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ھۈسەىىن ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەفنىڭ
.ئەسەرلىرىدىن ھېچقاىسىسى زامانىمىزغىچە ىېتىپ كېلەلمىگەن
مەھمۇد قەشقەرى »مۇقەددىمە«دە ىەنە: تۈركىي تىلنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بەىگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا
ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئابدۇراھمان خەلىل ئىبىن ئەھمەد تەسنىف
قىلغان »كىتابۇلئەىن« ناملىق لۇغەتىتىدىكىدەك »دىۋان« غىمۇ ئارخائىك سۆزلەرنى كىرگۈزۈشنى ئوىلىغانلىقىنى،
مۇنداق قىلغاندا دىۋاننىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدىغانلىقىنى، لېكىن سۆزلەرنى ئوڭاي تېپىش، كىشىلەرنىڭ
قىزىقىشى ۋە ئىخچاملىق قاتارلىق جەھەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېستىمالدىن قالغان سۆزلەرنى ئالمىغانلىقىنى
باىان قىلىدۇ )»دىۋان« توم، 6 - بەت(. بۇ ىەردە دىققەتكە سازاۋەر ئىنچىكە بىر نۇقتا شۇكى: مۇئەللىپ تۈركىي
تىلنىڭ ئەرەب تىلى بىلەن بەىگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق
كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەرەب ئالىمى ئابدۇراھمان خەلىل ئىبىن ئەھمەدنىڭ چوڭ ھەجىملىك قامۇسى »كىتابۇلئاىىن«
گە ئوخشاش ئېستىمالدىن قىلىپ قالغان سۆزلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا »دىۋان«نى ىازغان بولسام
تېخىمۇ ئەتراپلىق بولتتى، دەىدۇ. ئەسلى تېكىستتىكى »اوب« سۆزى »تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مۇكەممەل،
تېخىمۇ ئەتراپلىق« دېگەن مەنالردا كېلىدۇ. )»دىۋان«نىڭ ئۇىغۇرچە تەرجىمىسىدە بۇ سۆز قانداقتۇ »تېخىمۇ
تەرتىپلىك« دە تەرجىمە قىلىنىپ قالغان(. بۇنىڭ بىلەن مەھمۇد قەشقەرى زامانىدىل تۈركىي تىللردىكى ئارخائىزم
بولۇپ كەتكەن سۆزلەرنىڭ ناھاىىتى كۆپ ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىلىدۇ. خەلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ »كىتابۇل
)ئەىىن(« كىتابى 48 جىلد قىلىپ ىېزىلغان. مۇنداق زور ھەجىملىك قامۇستا، ئىككى تىل بەىگىگە چۈشكەن ئىككى
ئاتقا تەمسىل قىلىنغان. »دىۋان«نىڭ ھەجىمىمۇ »كىتابۇلئەىىن« غا ئوخشاش زور بولۇشى پىلنلنغان. بۇنىڭ
ئۈچۈن مەھمۇد قەشقەرى نۇرغۇن ماتېرىىال توپلىغان. بۇ ماتېرىىاللر رەتلىنىشىپ، تاللىنىشىپ باسقۇچلىرىدىن
.ئۆتكۈزۈلۈپ، نۇرغۇن قىسمى شاللىۋېتىلگەن. بۇ نۇقتىنى مۇنۇ ئىككى سۆزدىنمۇ باىقىۋاللىمىز
ىۋان«نىڭ مۇقەددىمىسىدىكى »ئىشلىتىلىۋاتقان سۆزلەرنى ئالدىم، ئىشلىتىلمەىدىغانلىرىنى تاشلىدىم« )»دىۋان««
توم، 6 - بەت(. »دىۋان«نىڭ ئۇىغۇرچە تەرجىمىسىدە، »ئالدىم« دەپ ئېلىنغان سۆز، ئەسلكى تېكىستتە
»ئەسبىھەتتۇ« بولۇپ، ئۇنىڭ »مۇقىملشتۇرۇش« دېگەن مەنىسى بار، »تاشلىۋەتتىم« دېگەن سۆز ئەسلى
تېكىستتە »ئەھمەلتۇ« بولۇپ، ئۇنىڭ »قالدۇرۇش« مەنىسى بار. مۇنداقتا مۇئەللىپ: »قولۇمدا نەقلەشكەن مول
سۆزلۈكلەر ىاكى مول ماتېرىىاللردىن بىر قىسمىنى مۇقىملشتۇرۇپ، كىتابتىن ئورۇن بەردىم. بىر قىسمىنى بولسا،
كىتابقا بېرىشتىن قالدۇرۇۋەتتىم« دېگەن بولىدۇ. ئارخائىزم سۆزلەر قالدۇرۇۋېتىلمىگەن بولسا، »دىۋان«مۇ
.»ئەىن« كىتابىغا ئوخشاش نەچچە ئون جىلد ىېزىلغان بولتتى
- 12. بۇ ىەردە شۇنىمۇ قەىت قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەھمەد ئىبىن خەلىلنىڭ »ئەىن« كىتابى مەىدانغا كەلگەندىن
كېىىن، ئۇنىڭدا باىان قىلىنغان ئىشلىتىلمەىدىغان سۆزلەر ئۈستىدە، ئەىنى زامان ئالىملىرىنىڭ قارشى ئوخشاش
بولمىغان. بەزىلىرى »ئەىن« كىتابىدا ئاىرىلغان ئىشلىتىلمەىدىغان سۆزلەرنى ماقۇللىغان، بەزىلىرى بولسا ئۇنى
خاتاغا چىقارغان. مەھمۇد قەشقەرى »ئەىن« كىتابىدىكى ئىلىتىلمەىدىغان سۆزلەر توغرىسىدىكى ئۆلىمالرنىڭ
ئىختىلپلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە. مەھمۇد قەشقەرى »دىۋان«نى كىشىلەرنىڭ تۈركىي تىللرنى
ئۆگىنىشى ئۈچۈن ۋە تۈركىي خەلقلەر مەدەنىىىتىنى باشقىلرغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ىېزىپ چىققانلىقىنى
.مۇقەددىمىدىكى باىانلردىن بىلىپ ئاللىمىز
دېمەك، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ »دىۋان«نى ىېزىشتىكى مەقسىدى، خەلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ »ئەىن« كىتابىنى
ىېزىشتىكى مەقسىدى بىلەن تۈپتىن ئوخشىماىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ »دىۋان«نى ىېزىشتا خەلىل ئىبنى
ئەھمەدنى ئۆرنەك قىلماي، باشقىچە ىول تۇتقان. »دىۋان«نىڭ ىوقىلىپ كېتىپ قاىتا تۈپلىنىش تەقدىرى،
ئابدۇراخمان خېلىل ئىبنى ئەھمەد تەسنىف قىلغان »كىتابۇلئەىن«نىڭ تەقدىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئىبنى نەدىمنىڭ
»فىھرسىت«تە كۆرسىتىشىچە، ھىجرىىە 071 - ىىلى )مىلدى 787 - ىىللىرى( ىېزىلغان »كىتابۇل ئەىن« كىتابى ئۆز
ۋاقتىدا مەىدانغا چىقالماي ھىجرىىە 842 - ىىلى )مىلدى 368 - ىىللىرى(غا كەلگەندە ئاندىن جامائەتچىلىك بىلەن
ىۈز كۆرۈشەلىگەن. ئەبۇ بەكرى ئىبنى ئورەىد مۇنداق دەىدۇ: »خېلىل ئىبنى ئەھمەدنىڭ »ئەىن« كىتابى 842 -
ىىلىغا كەلگەندە، بەسرە شەھرىدە پەىدا بولۇپ قالدى. 05 جىلدلىك بۇ كىتابنى بىر كىتابچى خۇراساندىن 05 تىللغا
سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەپتۇ. بۇرۇن بىز بۇ كىتابنىڭ خۇراساندا تاھىرىلر خاندانلىقىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ساقلنغانلىقىنى
ئاڭلىغان ئىدۇق. ئەمما نۇرغۇن ئادەملەر مۇنداق كىتابنىڭ ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە قەىەردىلىكىنى زادى بىلمەىتتى«
دېگەن. مەتبەئەچىلىك مەىدانغا كەلمىگەن، ئەسەرلەر قولدىن - قولغا كۆچۈرۈلۈپ تارىلىدىغان ئەىنى زاماندا
.مۇنداق ئەھۋاللرنىڭ بولۇپ تۇرۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى ئەلۋەتتە
مەنبە: »شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى« ژۇۈنىلى 3002 ـ ىىل 3 ـ سان
1